ئەگەر بېيجىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى چىقارسا، تەيۋەن ئىككى قىرغاق سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدۇ
2005.03.07
تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ جاۋيىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى ماقۇللىسا، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ھازىرقى ئىككى قىرغاق سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى سەيشەنبە كۈنى " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى" نى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ۋۇ جاۋيىڭنىڭ دۈشەنبە كۈنى مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەندىكى مەمۇرىي ئورگانلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ماقۇللانغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە قارشى قانداق چارە - تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئويلىشىپ قويغان.
بىراق ۋۇ جاۋيىڭ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى قىرغاق سىياسىتىدىكى " تىنچلىق ۋە تەرەققىيات" نى ئاساس قىلغان چوڭ يۆلۈنىش ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئارىدا يەكشەنبە كۈنى تەيۋەندىكى گاۋشيوڭ، تەيبېي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" غا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنى چېن شۈيبيەننىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى دىموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى بىلەن سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى لى دېڭخۇينىڭ تەيۋەن ئىتتىپاق پارتىيىسى تەشكىللىگەن. نامايىشچىلار خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرگەن. ھەر ئىككىلا نامايىش " تەيۋەننى يۇتۇۋېلىشكە قارشى تۇرۇش، تەيۋەننى قوغداش" دېگەن شۇئار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى"قىزىق تېمىغا ئايلاندى
- تەيۋەن ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى "يۈتۈۋېلىشقا قارشى قانۇنى" نى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى
- چېن شۈيبيەن، بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇننىڭ ئىككى قىرغاقنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي رەھبەرلىرى تەيۋەننى بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندىدى
- تەيۋەن جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى