تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نىڭ خىتاينىڭ 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ھازىرلانغان تەييارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جيې چارشەنبە كۈنىدىكى تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى يىغىنىدا بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، مۇشۇ سەۋەبتىن مەزكۇر كومىتېتنىڭ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ 3 تۈردىكى قورال سېتىۋېلىش پىلانىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.
لى جيې يەنە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا ئائىت بىر قىسىم ئاخباراتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ 2006 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، تەيۋەنگە توغرىلاپ قويغان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭ سانىنى 800 گە، يېڭى تىپتىكى كۆرەشچى ئايرۇپىلانلارنى بولسا 400 گە يەتكۈزىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
سەيشەنبە كۈنى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا تەستىقلاشقا سۇنۇلىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىنكاس پەيدا قىلىپ، تەيۋەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى دەرھال ئەيىپلىگەن ئىدى. ئەمما خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋۇ باڭگو چارشەنبە كۈنى تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇ قانۇنغا كۆرسەتكەن قارشىلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)