خىتاي، ئامېرىكىنىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" چىقىرىشنى قايتا ئويلىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى


2005.03.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" چىقىرىشنى قايتا ئويلىشىشنى تەلەپ قىلغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بۇنى رەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن باياناتىدا، "بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇن ھەققىدە قىلغان مەسئۇلىيەتسىز سۆزلىرىگە قارشى تۇرىمىز" دېدى. ئۇ يەنە ئامېرىكىنى خىتاينى چۈشۈنۈپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق خائىشىنى ئۆستۈرىدىغان ئىش قىلماسلىققا چاقىردى.

خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" كىلەر دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيدا ماقۇللىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ قانۇندا، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان شارائىتتا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى بەلگىلەنگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى چىقىرىشنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتايدىن بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ ئارىدا، مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان تەيۋەن دېموكراتىيە- تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئۆزلىرىنىڭ 26 - مارت كۈنى بەش يۈز مىڭ كىشىلىك نامايىش ئويۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ بىكىتمەكچى بولغان " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" غا قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت