خۇ جىنتاۋ، ئارمىيىنى ھەر زامان ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشقا چاقىردى
2005.03.13
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئارمىيىسىنى دۆلەت تېررىتورىيىسىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر زامان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈشكە چاقىردى.
ئۇ بۇ سۆزنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئارمىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە، " ئارمىيىمىز چوقۇم دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك" - دېگەن.
دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى ماقۇللىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ قانۇن خىتاي ئارمىيىسىگە تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان شارائىتتا، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.
يەكشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. گەرچە بۇ ۋەزىپە ئاساسەن سىمۋول خاراكتېرلىق بولسىمۇ، بىراق خۇ جىنتاۋ بۇنىڭ بىلەن، خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى جياڭ زېمىننىڭ بارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، خىتايدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق رەھبەرگە ئايلاندى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ئامېرىكىنىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" چىقىرىشنى قايتا ئويلىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى
- تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى ئەيىبلىدى
- تەيۋەن خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى" گە قەتئىي قارشىلىق بىلدۈردى
- ئەگەر بېيجىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى چىقارسا، تەيۋەن ئىككى قىرغاق سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرىدۇ
- خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى"قىزىق تېمىغا ئايلاندى