خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئارمىيىسىنى دۆلەت تېررىتورىيىسىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر زامان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈشكە چاقىردى.
ئۇ بۇ سۆزنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئارمىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە، " ئارمىيىمىز چوقۇم دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك" - دېگەن.
دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى ماقۇللىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ قانۇن خىتاي ئارمىيىسىگە تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان شارائىتتا، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.
يەكشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. گەرچە بۇ ۋەزىپە ئاساسەن سىمۋول خاراكتېرلىق بولسىمۇ، بىراق خۇ جىنتاۋ بۇنىڭ بىلەن، خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى جياڭ زېمىننىڭ بارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، خىتايدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق رەھبەرگە ئايلاندى. (ئارزۇ)