"دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى"، ياۋروپانىڭ ئىمبارگونى قالدۇرۇشىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن
2005.03.15
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەمەلدارلار، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى چىقىرىلغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى"، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىغا پايدىسىز، دەپ كۆرسەتتى. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىمبارگو مەسىلىسىنى يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى قارار قىلىدىكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بريۇسسېلدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئەمەلدارلارنىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى"، ئىمبارگونى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە بەزى كىشىلەرنى ئىككىلەندۈرۈشى ياكى بولمىدى دېگەندە ئىمبارگونى بىكار قىلىش ۋاقىت جەدۋىلىدە ئارىسالدى قىلىشى مۇمكىن،" دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى تەيۋەنگە قارشى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" ماقۇللاپ، قوراللىق قىسىملارغا تەيۋەننى تىنچ يوللار بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش ھوقۇقى بەرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر قانۇن ھەققىدىكى باياناتىدا، تەيۋەن بىلەن خىتاينى كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىك ھەرىكەتكەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى، " بىز بۇ مەسىلىدە ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ قورال ئىشلىتىگە قارشى تۇرىمىز شۇنداقلا......بىز ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرىۋېتىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەيمىز،" دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نىغا ئىنكاس بىلدۈردى
- تەيۋەن "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى قاتتىق تەنقىد قىلدى
- خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى ماقۇللىدى
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشتە قاتتىق چەكلىمە قويماقچى
- خۇ جىنتاۋ، ئارمىيىنى ھەر زامان ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشقا چاقىردى