ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئاھالىسى ھېسابلانغان بۇددىست يۈ تىيەنجەننى قولغا ئالغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە خىتاي تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى "خۇراپىيلىقنى تارقىتىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، يۈ تىيەنجەن قۇرغان ئامېرىكا بۇددىست فوندى جەمئىيىتى ئىچكى موڭغۇلدىكى بىر 800 يىللىق قەدىمكى بۇتخانىنى قايتا سېلىش ئىشلىرىغا 3 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتقان. مەزكۇر بۇتخانا قايتا ئېچىلىشنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قولغا ئالغان. ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرىنىڭمۇ بۇ بۇتخانىغا يولىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن يۈ تىيەنجەن خىتاي پۇقراسى بولۇپ، ئۇ شۇنداقلا يەنە ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. لوس ئانجىلىستىكى "ارى رۇلەي" بۇتخانىسىنىڭ باش راھىبى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مۇرىتلىرى تەرىپىدىن ھايات بۇدساتۋا دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادا يۈز مىڭلىغان مۇرىتىلىرى بار. (ئارزۇ)