خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدا ئېچىلغان دۇنيا بۇددىزم يىغىنى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى


2006.04.14

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توساتتىن خەلقئارا بۇددىزىم يىغىنى ئۆتكۈزىشى

ئەزەلدىن دىنسىز بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تارىخىدا ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا بۇددىزم يىغىنى ئۆتكۈزمەكتە . بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي بۇددا جەمئىيىتى ۋە خىتاي دىنىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى " ئىناق جەمئىيەت ۋە ئىناق دۇنيا قۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە " دەپ جاكارلىماقتا . لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى خەلقئارا بۇددىزم يىغىنىنى دىنسىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر خىل ھەجۋىي خاراكتېرلىك تەشۋىقات دەپ قاراپ، " خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىبەت رايونى قاتارلىق جايلاردىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇپ دۇنيا جامائىتىنى قايمۇقتۇرماقچى " دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان بۇ بۇددىزىم يىغىنىغا 11‏-بەنچەن لاما قاتناشتۇرۇلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان بۇ خەلقئارا بۇددىزم يىغىنىغا بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن، يەنى 1995 ‏- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن 11 ‏- بەنچەن لاما گيالتسىن نوبۇ قاتناشقان . 16 ياشلىق گيالتسىن نوبۇ مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىسىدا مەخسۇس سۆز قىلىپ " دۆلەتنى ھىمايە قىلىش ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بۇددىزمنىڭ دۆلەت ،خەلق ۋە جەمئىيەت ئالدىدا ئۆتەيدىغان ئالىي مەجبۇرىيىتى " دەپ كۆرسەتكەن .

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى مەرۈي ‏- بەس ماكىي Mary-Beth Markey ۋە كېيت ساۋندېرس Kate Saunders قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن 11 ‏- بەنچەن لاما گيالتسىن نوبۇنىڭ تۈنۈگۈنكى يىغىندا قىلغان سۆزىدىن قاتتىق ئەجەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ " بۇ بەكمۇ نومۇسسىز بىر ئىش بولدى . گيالتسىن نوبۇنىڭ دېگەنلىرى پۈتۈنلەي يالغان ، ئەمەلىيەتكە قىلچە ئۇيغۇن ئەمەس " دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىملىق بۇددىزىم يىغىنىغا دالاي لاما ۋە كاماپا قاتارلىق كىشىلەر تەكلىپ قىلىنمىغان

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان Kate Saunders خانىم " گەرچە خىتايدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن تۇنجى قېتىملىق بۇددىزم مۇنبىرى يىغىنى بولۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆپلىگەن بۇددىست مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان بولسىمۇ ، بىز ئۇنى يەنىلا قانۇنسىز ۋە يوللۇق بولمىغان بىر يىغىن دەپ قارايمىز . چۈنكى بۇ يىغىنغا مەشھۇر دالاي لاما ۋە سۈرگۈندىكى كاماپا قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنمىغان" دەپ بىلدۈردى.

روتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دىنىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى چى شياۋفىي "دالاي لاما پەقەت ئاددىي بىر دىنىي زاتلا ئەمەس بەلكى بىر بۆلگۈنچى، ئۇ دۆلەت بىرلىكىگە ۋە مىللىي ئىتتىپاققا زور زىيان يەتكۈزگۈچى" دەپ بىلدۈرگەن .

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى مەرۈي ‏- بەس ماكىي Mary-Beth Markey ۋە كېيت ساۋندېرس Kate Saunders قاتارلىقلار " دالاي لاماسىز ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ' دەپ تەكىتلەپ " بۇ قېتىمقى يىغىن پەقەت بىر سىياسىي مەقسەت ئۈچۈنلا ئېچىلغان يىغىن . خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان دىنىي پائالىيەتلەرگە يول قويۇپ باققان ئەمەس . ئۇلار پەقەت خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىغا شەرەپ بىلەن كېلىشى ئۈچۈن بۇ خىل كۈلكىلىك بۇددىزم يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلغان . ئۇلار خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۇرمەكچى يەنى مەملىكەت ئىچىدىكى دىنىي ئىشلاردا ئىنتايىن كەڭ قوساق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغان شۇنداقلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوج بۇشقا بۇ ھەقتە ئالدىن سېگنال بېرىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىياسىي مۇھىت ياراتماقچى بولغان" دەپ بىلدۈردى.

ئەمىلىيەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايۇنىدىكى دىنىي پائالىيەتلەر قاتتىق باستۇرىلىدۇ

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان تىبەتتە تۈرلۈك يېڭى دىنىي قانۇنلارنى يولغا قويۇپ، دالاي لاماغا سادىق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي زاتلارنى قاماققا ئالغانلىقىنى مىسال قىلىپ، تىبەتتىكى دىنى ئەركىنلىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى .

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىدىكى Kate Saunders خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت تىبەتتىكى دىنىي زاتلارنىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنىمۇ قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر رايونلاردىكى دىنىي ۋەزىيەتنىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى جىددىي بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي مەسىلىدە ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.