خىتايدىكى دەريا ۋە كۆللەرنىڭ٪ 70 تىن كۆپرەك قىسمى بۇلغانغان


2004.12.22

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سۇ مەنبەلىرى مىنىستىرى ۋاڭ سۇچىڭ چارشەنبە كۈنى ، خىتايدىكى دەريالارنىڭ ۋە كۆللەرنىڭ 70 پىرسەنتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ، بۇنىڭ سۇ مەنبەلىرىنىڭ كەمىيىشىگە يول ئىچىپ، ئىچىملىك سۇيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن .

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ سۇ مەنبەلىرى ئىدارىلىرىنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتايدا 300 مىليون كىشىنىڭ ساقلىقسىز سۇ ئىچىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن .

يىغىندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بىرى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا- قىشلاقلاردا ياشايدىغان 273 مىليون كىشىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى، شۇنداقلا 2000 -يىلىدىن بىرى، يەنە يېزا- قىشلاقلاردا 800 مىڭ ئىچىملىك سۈيى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 18 مىليارد يۈئەن پۇل ئاجراتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

لېكىن، خىتاي سۇ مەنبەلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ خوخەي، نۇرغۇنلىغان يېزا- قىشلاقلاردا ئىچمە سۈيى مەسىلىسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي ، شەرقىي- شىمال، غەربىي- شىمال ۋە شىمالىي رايونلىرىدا 63 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ھېلىمۇ تەركىۋىدە بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن كۆپ فلورىن مەۋجۇت بولغان سۇ ئىچىدىكەن . شۇنداقلا خېنەن ، خۇبى ، جياڭشى، ئەنخۈي، جياڭسۇ سىچۈئەن ۋە يۈننەن ئۆلكىلىرىدىكى 110 ناھىيىدە 60 مىليون كىشى ساغلىقسىز ئىچمە سۈيىدىن كېلىپ چىققان چىستومسوم مىكروبى تەھدىدى ئاستىدا ئىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.