سۇڭخۇاجياڭنىڭ بۇلغىنىش ۋەقەسى خىتاينىڭ گۈللىنىشىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ
2005.11.24
كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇلغانغان سۇ پەيشەنبە كۈنى تۆت مىليونغا يېقىن ئاھالىغا ئېگە خاربىن شەھىرى بۆلىكىدىكى سۇڭخۇ &# xFE8D;جىياڭ دەرياسىغا ئېقىپ كەلدى. بۇلغانغان سۇ ئېقىنىنىڭ خاربىندا ئىككى كۈن تۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خاربىندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 11 كۈن ئاۋال جىلىن نېفىت خىمىيە زاۋۇتىنىڭ پارتلىشى دەريا سۈيىنىڭ بىنزول ماددىسى بىلەن ئېغىر بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خاربىن نۆۋەتتە شەھەرنىڭ سۇ تەمىناتىنى تۆت كۈن توختاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلغانغان سۇنىڭ راكنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنى ئۇنى ئىستىمال قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى زور تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، مەكتەپلەر، كارخانىلار پۈتۈنلەي تاقالغان. قەھرىتان قىشتا پار بىلەن تەمىنلەش توختاپ كەتكەن. كىشىلەر ئۆيلىرىگە بوتۇلكىلاپ سۇلارنى توشۇشقا ئالدىرىماقتا.
خاربىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت دەسلەپتە خاربىندا تۆت كۈن سۇ توختايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، سەۋەبىنى سۇ تەمىنلەش سېستىمىسىنى چوڭ رىمونت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىيىن ئاندىن، سۇڭخۇجى &# xFEF4;اڭنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمىد &# xFE8D; بۇلغىنىش بولغانلىقتىن سۇ توختۇتۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن پۇقرالار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇڭخۇاجىياڭنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا بۇلغىنىش بولغانلىقىنى بىلىپ، ئون كۈندىن كېىيىن ئاندىن بۇنى ئاشكارىلىدىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولغان.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سۇڭخۇجىياڭ دەرياسىدىكى بۇ قېتىملىق بۇلغىنىش ۋەقەسى خىتاينىڭ &# xFB94;ۈللىنىشىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى ئېچىپ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى مۇھىت جەھەتتە ئېغىر بەدەل تۆلەپ، ئىقتىسادىي تەرەقققىياتنى ئىستىگەن. شوڭا نۆۋەتتە خىتايدىكى 70% دەريا سۈيى بۇلغانغان، ئۈچتىن بىر قىسىم جايىدا كىسلاتالىق يامغۇر ياغىدۇ. 50 يىل ئىچىدە مىڭدىن ئارتۇق كۆل قۇرۇپ كەتكەن. ھاۋامۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان.
بۇ ئارىدا، رۇسىيە دائىرىلىرى سۇڭخۇجياڭ سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىغا ئەندىشە بىلەن قارىماقتا. سۇنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى خېيلوڭجياڭ دەرياسىغا قۇيۇلۇپ، رۇسيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى خاباروۋىسكى شەھىرىگە يىتىپ بارىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارىتا، بۇلغانغان سۇ بۆلىكىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە رۇسىيە چىگرىسىغا يىتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇلغانغان سۇنىڭ تەسىرى رۇسىيىگە يىتىپ بارغىچە كۆپ ئاجىزلايدۇ دەپ بىلدۈردى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چوڭچىڭدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلدى
- خىتاينىڭ خاربىن شەھىرى دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىش تەھدىتى ئاستىدا قالدى
- خىتاي دائىرىلىرى خاربىندا شەھەر بويىچە تۆت كۈن سۇ توختايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتايدا يىلىغا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ
- خىتايدا 110 شەھەر سۇ كەمچىللىك ئاپىتىگە ئۇچرىماقتا