رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا جايلاشقان خاباروۋسكى شەھىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىسى سۇڭخۇئاجياڭ دەرياسىدىكى بۇلغانغان سۇنىڭ خاباروۋسكى شەھىرىگە يىتىپ كېلىشىنى ئەندىشە ئىچىدە كۈتمەكتە ھەمدە بۇ زەھەرلىك سۇدىن قانداق مۇداپئەلىنىش مەسىلسى ئۈستىدە ئويلاشماقتا.
خىتاينىڭ جىلىن شەھىرىدىكى بىر خىمىيىلىك زاۋۇت پارتلاپ، زور مىقتاردىكى ماددىلارنىڭ سۇڭخۇئاجياڭ دەرياسىغا ئېقىپ كېرىشى نەتىجىسىدە، يېقىندا خاربىن شەھىرىدە بىر مەزگىل ئىچىملىك سۇ توختىتىلغان ئىدى.
سۇڭخۇئاجياڭ دەرياسى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئامۇر دەرياسىغا قۇيۇلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىدىمۇ جىددىيلىك يۈز بېرىپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئامۇر دەرياسىغا قۇيۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دەريا ۋادىسىدىكى خاباروۋسكى قاتارلىق چوڭ ـ كىچىك رۇسىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زەھەرلىنىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە تۈپەيلى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ ئەمما، بۇ مەسىلە رۇسىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىنىشلىق ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. (قانات)