رۇسىيىلىك نامايىشچىلار: ئامۇر دەرياسى خۇڭخې ئەمەس

رۇسىيىنىڭ خاباروۋسكى شەھىرىدىكى پۇقرالار جۈمە كۈنى بۇ شەھەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خاباروۋسكىيدا رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن يىغىن ئېچىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ئامۇر دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئوتتۇرىدىكى سۈركىلىشنى يۇمشىتىش ئۈچۈن رۇسىيىنى 150 توننا كاربون ۋە بۇلغىنىش ئەھۋالىنى كۆزۈتۈش ئەسۋابلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 13 - نويابىردا جىلىندىكى نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى يوشۇرۇپ، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن رۇسىيىدىن ئەپۇ سورىغان ئىدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىدىكى مىللەتچى رودىنا پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەربىي پورما كىيگەن بىر قىسىم كازاكلار، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا " ئامۇر دەرياسى خۇاڭخې ئەمەس،" دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ جۈمە كۈنى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھازىرغىچە تۆلەم تۆلەش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۇڭخۇاجياڭ ۋەقەسى رۇسىيىنىڭ خاباروۋسكى چېگرا رايونىدا خىتايغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيمەكتە. (ئەركىن)