خىتاي سوڭخۇاجياڭ دەرياسىنى تازىلىماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىدىكى بىر زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا پارتلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان سوڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاي 2006-2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ مىليارد دوللار خەجلەپ سوڭخۇاجياڭ دەرياسىنى تازىلاشقا، بۇزۇلغان مۇھىتنى ئوڭشاپ، ئاھالىلارنىڭ پاكىز سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قارار قىلغان.

سوڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش نىسبىتى پۈتۈن خىتايدىكى بۇلغىنىش ئۆلچەملىرىدىن 33 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، مەزكۇر دەريا ۋادىسىدا 62 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ.

سوڭخۇاجياڭ دەرياسى ئامۇر دەرياسىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىمۇ مەزكۇر زەھەرلىك ماددىلاردىن ناھايىتى ئەنسىرىمەكتە، ھەتتا خىتاينى تۆلەم تۆلىتىش پىكىرلىرى، خىتايغا قارشى كەيپىياتلىرى مەيدانغا چىقماقتا. (ئۈمىدۋار)