خىتاي مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىدە كۆز بويامچىلىق قىلماقتا

خىتاي ئورگان مەتنۇئاتلىرى پەيشەنبە كۈنى، خىتايدىكى بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىدە كۆز بويامچىلىق قىلىپ ، يالغان مەلۇمات ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، خىتاي ئاھالىسىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش بولغان نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. خىتاي 2008 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئۈچۈن، بېيجىڭنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇھىت قوغداش خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ يىل بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى كونترول قىلىش دوكلاتىدا ، مۇھىت بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان، ئەكسىچە ھەقىقى مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى بولسا كۈندىن - كۈنگە يامانلاشماقتا ئىكەن.

بۇ خادىم سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىنى ھەقىقى ئىنكاس قىلغاي، كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى ھىچ بولمىغاندا 2 % ئازايتىش ھەققىدىكى ھۆججىتى ئاللىقاچان ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن 26 سىگە چۈشۈرۈلگەن. ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مەزكۇر خىزمەت ۋەزىپىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئورۇنلىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خىتايدا ھاۋا بىلەن سۇنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)