ھاۋا بوشلۇقىغا ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىكتە تىزگىنلىشى كېرەك

ب د ت نىڭ مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان 2007- يىللىق ھاۋا رايى دوكلاتىغا قارىغاندا، ھازىر دۇنيادا ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى بارغانسىېرى تېزلىمەكتە. 100 نەچچە دۆلەتتىن 2500 نەپەر ئالىم قاتنىشىپ 6 يىل تەتقىق قىلىپ تەييارلانغان بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، دۇنيا ھاۋا كىلىماتىنىڭ مودېلى كۆپ ئۆزگىرىشچانلىققا، بەلكى بەزى جىددي نامەلۇم ئېھتىماللىققا يۈزلەنمەكتە. دۇنيادىكى مۇزلۇقلار ئېرىپ كىچىكلەپ، دېڭىز سۈيىنىڭ تەكشىلىكى ئۆرلىمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، 2010 يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن يەر شارىدا دېڭىز سۈيىنىڭ تەكشىلىكى 18 سانتېمېتىردىن 59 سانتېمېتىرغىچە يۇقىرى ئۆرلىشى، ھاۋانىڭ ئىسسىشى ئوتتۇرا ھېساب سېلسىيە بۇيىچە 1.8 گرادوستىن 4 گرادۇسقىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ھازىر دۇنيا بۇيىچە ھاۋا بوشلۇقىغا ئەڭ كۆپ كاربون چالا ئوكسىد قۇيۇپ بېرىدىغان ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ئەمدى ھاۋا بوشلۇقىغا ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىشنى بىرلىكتە تىزگىنلىشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلماقتا. (ۋەلى)