خىتاي ۋە ھىندىستاندىكى بۇلغىنىش دۇنيا ھاۋارايىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە

يېقىندا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن، تىنچ ئوكياندىكى بوران- چاپقۇن ئوقۇرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى.

بۇ تەتقىقات تۈرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىنچ ئوكياندىكى بوران-چاپقۇن نىسبىتى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا ھاۋا كىلىماتىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىنى ۋە مۇز ئوكيانلاردىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىپ دېڭىز يۈزىنىڭ پايدىسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

تېكساس ئۇنىۋېرىسىتېتى تەتقىقاتچىسى رېنيى جاڭ : "بىز تىنچ ئوكياننىڭ 1984-يىلىدىن 1994 - يىلغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدىكى قارا بۇلۇت قاتلىمى بىلەن 1994 -2005 - يىلغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدىكى بولۇت قاتلىمىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، بوران-چاپقۇننىڭ 20 دىن 50 پىرسەنتكىچە ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىدۇق" دەيدۇ .

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۆتكەنكى بىر قانچە ئون يىلدا ئاتموسفېرادىكى سۇلفات ، قۇرۇم قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇلارنى خىتاي ۋە ھىندىستاندىكى كۆمۈر قالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

تىنچ ئوكياندىكى بوران- چاپقۇن ئاتموسفېرادىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ جەنۇبى قىرغاقلىرىغا توشۇپ كېلىدىكەن ھەمدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ ئۇچۇرۇپ كېتىدىكەن.

رېنيى جاڭنىڭ قارىشىچە، بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان بوران-چاپقۇن ئوقۇرى ھاۋارايىنىڭ شىددەتلىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ھەتتا بەزى جايلاردا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ھادىسىلىرىنى ۋە ياكى شىددەتلىك قارا بوران ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن.

بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە ، يېقىنى يىللاردىن بېرى خىتاي ئىقتىسادىدا ئىلگىرىلەشلەر بولسىمۇ ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ نەتىجىلىرى دۇنيا ھاۋا كىلىماتىنى بۇزۇش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكىگە مۆلچەرلىگۈسىز تەھدىت ئېلىپ كېلىش بەدىلىگە توختىغان بولسا، بۇ بىر ۋىجدانى مەسئۇلىيەت مەسىلىسى ئىكەن. (جۈمە)