دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا بۇلغىغۇچى خىتاي


2007.03.26

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25 ‏- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھاۋاغا كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش جەھەتتە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بەرگۈچى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىكەن. بۇ ھال ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشى جەھەتتە كۆپرەك ھەرىكەت قوللىنىش ھەققىدە بېيجىڭغا بېسىم پەيدا قىلغان. ئامېرىكىلىق بىر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتايدا نېفىت يېقىلغۇسى ئىستىمال مىقدارىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئاتموسفېراغا كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش نىسبىتى 2005 - يىلدىكىدىن 10 پىرسەنت ئاشقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىيوتو كېلىشىمىنى يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىگە قەدەر كېڭەيتىش ئۈستىدە مۇزاكىرىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتلىرىدە، خىتاينىڭ كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى جەھەتتە دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈشى، خىتايغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

كىيوتو كىلىشمىدە تەرەققى تاپقان 34 دۆلەت كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە ئامېرىكا، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى بۇ جەھەتتە كۆپرەك ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا كاربون تۆت ئوكسىدى ئىنفورماتسىيە ئانالىز مەركىزىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم، گرەگ مارلاند مۇنداق دەيدۇ، "مېنىڭچە كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش جەھەتتە خىتاي ئامېرىكىدىن بۇ يىل ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن."

كاربون تۆت ئوكسىد، كۆمۈر، نېفىت، ۋە تەبىي گاز قاتارلىقلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېنتىش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005 يىلى خىتاي 5.3 مىليارد توننا، ئامېرىكا 5.9 مىليارد توننا كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بەرگەن. ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئاپپاراتى ھاۋاغا كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش جەھەتتە خىتاينىڭ 2010 -يىلغا قەدەر ئامېرىكىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.