خىتايدا دەريا ئېقىنى بۇلغىنىش ھادىسىسى كۆپەيمەكتە

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا دەريا ئېقىنلىرىنىڭ خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ساقىندىلىرى بىلەن بۇلغىنىش ھادىسىلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.

بۇ ئايدا خىتايدىكى خۇڭخې دەرياسى كۆپ مىقداردىكى قوغوشۇن ۋە باشقا مەدەن ماددىلار بىلەن بۇلغانغان. نەتىجىدە جەنۇبىي خىتايدىكى 150 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبىيى توختىتىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دەريانىڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 كىلو مېتىر قىسىمى بۇلغانغان.

مەزكۇر دەريا بويىغا جايلاشقان يەنتەن ئىچىملىك سۇ شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زاۋۇتلىرى تاقالغان بولۇپ، بۇ ھادىسە 150 مىڭ ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئاساسلىق دەريالارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بۇلغانغان، بۇنىڭ بىلەن خىتايدا يەنە مىليونلىغان ئادەم پاكىز سۇ ئىچىشكە نائىل بولالماي كۈن كەچۈرمەكتە ئىكەن.

2005 - يىلىمۇ خاربىندىكى سۇڭخۇا دەرياسىنىڭ نېفىتتىن بۇلغىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. (جۈمە)