شەنشىدىكى نيۇخې دەرياسىغا تۆكۈلۈپ كەتكەن خىمىيىۋىي سۇيۇقلۇق، خەنچېڭ شەھىرىدىكى 100 مىڭ ئاھالىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇ ئامبىرىنى بۇلغىغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى شەنشىنىڭ خەنچېڭ شەھىرىدە خىمىيىۋىي سۇيۇقلۇقنى توشۇپ ماڭغان بىر ماشىنا بۇ يەردىن ئۆتىدىغان نيۇخې دەرياسىغا چۈشۈپ كېتىپ، ماشىنىدىكى 25 توننا خىمىيىۋىي سۇيۇقلۇقنىڭ ھەممىسى دەرياغا تۆكۈلۈپ كەتكەن. شۇنداقلا ئىككى شوپۇرنىڭ بىرى مەق مەيداندا قازا قىلغان.
سوڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى بولغان نيۇخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا بىر سۇ ئامبىرى بار بولۇپ، بۇلغانغان دەريا سۈيى بۇ ئامبارغا قۇيۇلغاچقا، خەنچېڭ شەھىرىدىكى 100 مىڭ ئاھالىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ ئامبارنىڭ سۈيى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان. خىتاي دائىرىلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇلغانغان سۇلارنى تازىلاش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇلغىنىشنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. (پەرىدە)