غەربىي جەنۇبى خىتايدا نەچچە مىڭ ئامما بۇلغىنىشقا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى


2007.07.30

غەربىي جەنۇبى خىتايدا نەچچە مىڭ ئامما بۇ رايونغا قۇرۇلغان پىۋا زاۋۇتى ئىچىملىك سۇ مەنبىيىنى بۇلغىدى، دەپ ئەيىبلەپ نامايىش ئېلىپ باردى.

باش شتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان " كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى "نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى يۈەنشى يېزىسىدا نەچچە مىڭ ئامما ئىچىملىك ۋە سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ مەنبەيىنىڭ بۇلغىنىشىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.

نامايىشچى ئامما 26- ئىيۇل سىچۈەن ئۆلكىسى شىفاڭ شەھىرىگە جايلاشقان پىۋا زاۋۇتىنى قورشىۋالغان ۋە زاۋۇتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

بۇ نامايىشىنى تىنچىتىش ئۈچۈن، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 500 دىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولۇپ، نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن نامايىشچى ئامما ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇش جەريانىدا 20 ئادەم يارىلانغان ۋە 7 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

بۇندىن بۇرۇنمۇ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا بۇلغىنىشقا قارشى كوپ قېتىم نامايىشلار يۈز بەرگەن بولۇپ بۇ يىلنىڭ بېشىدا فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى يەرلىك ئامما بۇلغىنىشقا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقىسى خىتايدا بۇلغىنىشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى نامايىش ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.