خىتاينىڭ 3/1 قىسىم جايى كېسلاتالىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا

خىتاي دۆلەت زىمىنىنىڭ 3/1 قىسىمى نۆۋەتتە كېسلاتالىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۇپراق سۈپىتى ۋە زىرائەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماقتا.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن خۇارېننىڭ بىلدۈرىشىچە، 2005‏- يىلى خىتايدىكى 696 شەھەر ۋە ناھىيەدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ جايلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى كېسلاتالىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا بەزى جايلاردىكى كېسلاتالىق يامغۇرنىڭ يېغىش نىسبىتى 100% كە يېتىپ، ياغقانلا يامغۇرنىڭ ھەممىسى كېسلاتالىق بولغان.

شېنخۇارېن يەنە بۇ ھەقتە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئونىنجى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىنىڭ مۇھىت قوغداش پىلانىدىكى ئىككى ئاساسلىق كۆرسەتمىنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بولسىمۇ، بىرى، كاربون 4 ئوكسىدنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىش مىقدارى تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە ئاشقان. ئىككىنچىسى، خىمىيىۋىي تەركىۋى بار گازلارنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىشى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە مۇھىت مەسىلىسى 100 يىللىق سانائەتلىشىش جەريانىدا ئاستا-ئاستا كۆرۈلگەن بولسا، بۇ ئەھۋالنىڭ ھەممىسى خىتايدا ناھايىتى قىسقا مەزگىل ئىچىدىلا كۆرۈلگەن. (پەرىدە)