خىتاي ھۆكۈمىتى جورج بۇشنىڭ نۇتۇقىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ نۇتۇقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تەقدىرىنى ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى بەلگىلىشى كېرەك ، دەپ بىلدۈردى.

بۇنىڭ ئالدىدا جورج بۇش دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە پۈتۈن مەملىكەتكە نۇتۇق سۆزلەپ، ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا جايلاردا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈەن: "ئامېرىكا دۇنيادا تەسىرى كۈچلۈك بىر دۆلەت. بىز ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ۋە خەلقئارا ئىشلارغا بولغان كونتروللۇقنى ئەمەس، بەلكى تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تەرغىپ قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" - دېدى.

بىر مۇخبىر كوڭچۈئەندىن، پرېزىدېنت جورج بۇش نۇتۇقىدا تىلغا ئالغان دېموكراتىيىنى كېڭەيتمەكچى بولغان باشقا رايونلار ئىچىدە خىتاينىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدىكى قارىشىنى سورىغىنىدا، ئۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن، بەلكى خىتاينىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ دېموكراتلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)