پرېزىدېنت بۇش 3 نەپەر تەرەپسىز خرىستىئان چېركاۋ پائالىيەتچىسىنى ئاق سارايدا قوبۇل قىلدى
2006.05.12
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش پەيشەنبە كۈنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن يۈي جيې، ۋاڭ يىي ۋە لى بەيگۇاڭ قاتارلىق 3 نەپەر تەرەپسىز خرىستىئان چېركاۋ پائالىيەتچىسىنى ئاق سارايدا قوبۇل قىلىپ، بىر سائەت سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.
پرېزىدېنت بۇش سۆھبەت جەريانىدا دىنىي ئەركىنلىك بىر جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، "جۇڭگو ئىقتىسادى ئۈزلىكسىز تەرەققى قىلماقتا. لېكىن بىر جەمئىيەت ئىناق ۋەمۇقىم بولماقچى بولسا، چوقۇم دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن جەمئىيەت مۇقىملىق ئاساسىغا ئىگە بولغان بولىدۇ" دەيدۇ. بۇش، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا جۇڭگونىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۈي جيېنىڭ سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا ئۇ Yahoo تور ئىزدەش پونكىتىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە Yahoo پونكىتىنىڭ جۇڭگودىكى ھەرىكىتى ئامېرىكا قىممەت قارىشىغا ۋە دۆلەت قۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭ يى، پرېزىدېنت بۇش بىلەن دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىبادەت كەچۈرمۈشلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ يىي بىلەن يۈي جيې خىتايدىكى ئاتاغلىق ئۆكتىچى يازغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لى بەيگۇاڭ بولسا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋوكات. بۇ 3 نەپەر خرىستىئان مۇخلىسى خىتاي خرىستىئانلىرىغا ۋەكىل بولۇپ ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان جۇڭگونىڭ ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- خىتاي، دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يوقلىقى بىلەن ئەيىبلەندى
- ئابدۇل راخمان ئىتالىيىدە پاناھلىق تىلىدى
- خرىستىئان بولغان ئافغان پۇقراسى قويۇپ بېرىلدى
- خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ئاستى خرىستىئان ئېتىقادچىلار جامائىتىنى قولغا ئالدى