فرانسىيە ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 15 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى سەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت بۇشقا مەكتۇپ يوللاپ، يېقىندا يۈز بەرگەن خىتاينىڭ تىبەتلىكلەرنى باستۇرۇش قىلمىشى شۇنىڭدەك دارفۇرغا قاراتقان پوزىتسىيىسى تۈپەيلى، ئۇنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ئويلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ ئارىدا ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى بولسا بۇشنى ئولىمپىك مۇراسىمىغا قەتئىي قاتناشماسلىققا چاقىردى.
چارشەنبە كۈنى يەنە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى، ئاق ساراينىڭ تىبەت ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا دۆلەت خادىملىرىنىڭ مەزكۇر خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەڭ تەدبىرلىك چارىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەقىدە)
