پرېزىدېنت بۇش سودا مەسىلىسىنى جۇڭگو - ئامېرىكا باشلىقلار سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېما دېدى
2006.04.11
پرېزىدېنت جورجى بۇش، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كېلەر ھەپتە ئاق سارايدا ئۇچراشقاندا سودا مەسىلىسىنىڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش، ۋاشىنگتوندىكى جون خوپكېنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېتسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەكتىپىدە سۆز قىلىپ، مەن جۇڭگو رەھبىرىنىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىشتە سودا مەسىلىسىدىكى سۈركىلىشنى يۇمشىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
ئۇ، " رەئىس خۇ جىنتاۋ 200 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پاسسىپ سودا بالانىسىغا ئىگە بىر دۆلەتكە كېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار سودىدىكى ئادىللىق قېنى، دەپ گۇمانلانماقتا " دەيدۇ. پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سودا مەسىلىسىدە ئىككى نەرسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاھىدە توغرا كېلىدىكەن. جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ قىممىتنىى چۈشۈرۈپ، ئېكسپورتتىكى ئادالەتسىز ئۈستۈنلۈكنى ساقلىماقتا، دەپ تەكىتلىگەن بۇش، رەئىس خۇجىنتاۋ پاتنىت ھوقۇقى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " بىزنىڭ پاتنىت ھوقۇقىمىزنى ياكى مەھسۇلاتىمىزنى قوغداش - قوغدالماسلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيدىغان بىر دۆلەتكە كىرىش ناھايىتى تەس مەسىلە " دەيدۇ.
بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خۇ جىنتاۋ بىلەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى، پاتنىت ھوقۇقى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇق، تەيۋەن ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىكەن. بۇ ئارىدا سەيشەنبە كۈنى جۇڭگو - ئامېرىكا سودا ۋە ئىقتىساد بىرلەشمە كومىتېتى ئاق سارايدىكى باشلىقلار سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغان قارار ماقۇللىدى
- ۋۇ يى ئامېرىكا بىلەن سودا ھەمكارلىق توختىمى تۈزمەكچى
- خىتاي، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- روبېرت زولېيك، بېيجىڭدا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى
- خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى