كامبودژادا سوتلىنىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق دېلولىرى كوممۇنىست خىتايغا تاقىلىدۇ

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كامبودژا خەلقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 1975 ‏- يىلىدىن 1979 ‏- يىلىغىچە 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق خەلقنى قىرىپ تاشلىغان قىزىل كېخمېر جاللاتلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن، كامبودژادا تەسسىس قىلغان خەلقئارا سوتنىڭ بۈگۈن 2 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىدىكى سوراق قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە فرانسىيە ئاگېنتلىقى يېڭى خەۋەر يوللىدى. دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى كۆزىتىدىغان خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ 'كۆزىتىش ژۇرنىلى' نىڭ بۈگۈنكى سانىدا بولسا، كامبودژادا قىزىل كېخمېر جاللاتلىرى سوتلىنىشقا باشلىغاندا ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇنى قوللىغان خىتاي كوممۇنست پارتىيىسىنى سۈرۈشتە قىلىپ، بۇ ھەقتە بىر تەپسىلىي تارىخى بايان ئېلان قىلدى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ۋەلى ئاڭلىتىدۇ.

كامبودژادا سوتلىنىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق دېلولىرى كوممۇنىست خىتايغا تاقىلىدۇ

كامبودژا خەلقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، كامبودژادا 1975 ‏- يىلىدىن 1979 ‏- يىلىغىچە بولغان بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق خەلق قىرىپ تاشلانغان مىللىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنى بىرتەرەپ قىلىدىغان بىر خەلقئارا سوت تەسسىس قىلغان ئىدى. بۇ پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يەنە بىر نەچچە غەرب دۆلىتى 56 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقان ئىدى. بۇ سوت مەھكىمىسى قىزىل كېخمېرلارنى سوتلاشنى 2009 ‏- يىلىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

سابىق قىزىل كېخمېر ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئەمەلدارى نوڭشە ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىىقنىڭ 2 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى كامبودژانىڭ پنومپېن شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كامبودژادا تەسسىس قىلغان پەۋقۇلئاددە سوت مەھكىمىسى ئاچقان بۈگۈنكى ئوچۇق سوتتا، مىللىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە باشقا خەلق تەرەپ ۋەكىللىرى سابىق قىزىل كېخمېر ھاكىمىيىتىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى پولپوتتىن قالسا ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئەمەلدارى، 81 ياشلىق نوڭشە ئەپەندى ئۈستىدىن شىكايەت ئېيتىپ، تەپسىلىي پاكىتلار ئارقىلىق، نوڭشەنى ئىنسانىيەتكە قىرغىنچىلىق قىلغان تېررورچى قاتىل دەپ ئەيىبلىدى.

بۈگۈنكى ئوچۇق سوت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقنىڭ شىكايەتلىرىنى ۋە ئەيىبلىنىۋاتقان نوڭشە ئەپەندىنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ ئۆيدە كاپالەتتە تۇتۇش تەلىپىنى ئاڭلىدى ۋە بۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، كامبودژادا تەسسىس قىلىنغان مىللىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنى سوتلايدىغان بۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە، سابىق قىزىل كېخمېر ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى كيوسامپەن، سابىق خەلق قورۇلتېيىنىڭ باشلىقى نوڭشە، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېڭ سارى ۋە S-21 بەلگىلىك تۈرمىنىڭ تۈرمە باشلىقى كياڭكيۇدىن ئىبارەت 4 كىشى ئۈستىدىن شىكايەت سۇنۇلغان ئىدى.

قىزىل كېخمېر جاللاتلىرى كوممۇنىست خىتايغا باغلانغان

‏-‏ ئىنسانىيەتنى قىرغان قىزىل كېخمېرلار كامبودژادا سوتلىنىشقا باشلىغاندا، دۇنيا كوممۇنىست خىتاينى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدى، ‏-‏ دەپ باشلىنىدۇ بۈگۈن 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋېيتنام، كامبودژا كوممۇنىستلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ سېرى' دېگەن ئوبزورنىڭ بايانى.ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋېيتنامغا نېفىت ياكى باشقا بايلىق قازغىلى بارمىدى، ئۇ پەقەت ۋېيتنامغا بېرىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان كوممۇنىزم تۈزۈمنىڭ دۇنياغا كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن جەڭ قىلدى.ئامېرىكا شۇ نىشان ئۈچۈن ۋېتنامدا 58 مىڭ ئەسكىرىنى قۇربان بەردى.

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كىچىككىنە شىمالىي ۋېيتنام كوممۇنىست قوشۇنلىرىغا دۇنيادىكى پۈتۈن كوممۇنىزم لاگىرى ياردەم بەرگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن، شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىست دۆلەتلەردىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن ئايىغى ئۈزۈلمەي ياردەم كەلدى.خىتاي ئارمىيىسى ۋېيتنامچە كېيىنىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. خىتاينىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى ھەربىي دوختورخانىسى ۋېيتنامنىڭ دوختورخانىسى بولدى.

ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، شۇ يىللاردا، ئۇرۇش ئوتى ئارىسىدا قالغان كامبودژا پادىشاسى نوردوم سىخانوك ئۆزىنى 'بىتەرەپ دۆلەت' دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1970 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى كامبودژادا ۋېيتنامغا قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. موسكۋا سىخانوكقا ياردەم بەرمىگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا كامبودژانى ۋېيتنامنىڭ ئارقا سېپى قىلىش شەرتى بىلەن ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ سىخانوكنى بېيجىڭگە ئەكىلىۋېلىپ، ئۆزى كامبودژىدا پولپوت، كيۇسامپەن، نوڭشە، ئېڭ سارىلارنى قوللاپ قىزىل كېخمېر فرونتى قۇردى. بۇ تەشكىلاتقا سخانوكنى 'رەئىس' دەپ ئېلان قىلىپ كامبودژا خەلقىنى ئالدىدى.

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، كېيىن ۋېيتنام ئارمىيىسى كامبودژادىن چىقماي، بەلكى كامبودژانى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىن، 1979 ‏- يىلى، دېڭ شاۋپىڭ 'ۋېيتنامنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويۇش' دېگەن نام بىلەن ۋېيتنامغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. مۇشۇ جەرياندا، يەنى خىتاي كامبودژادا 'قونچاق ئويۇنى' ئويناش جەريانىدا، قىزىل كېخمېرلار كامبودژادا كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى خەلقنى قىردى، بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا 1 مىليۇندىن ئارتۇق خەلق قىرىپ تاشلاندى.مانا بۇ كامبودژادا 1975 ‏- يىلىدىن 1979 ‏- يىلىغىچە بولغان بىر نەچچە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن مىلىي قىرغىنچىلىق.بۇنىڭ ئارقا تېرىكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى. (ۋەلى)