كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ سۆھبەتنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كانادا باش مىنىستىرى ستىفېن خارپېرنىڭ پارلامېنت ئىشلىرى سېكرىتارى جېيسىن كېنىينىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ يىل كۈزدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزمەيدىغان بولغان. ئۇ، كانادا ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تېگىشلىك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى مۆلچەرلىدى، دەپ كۆرسەتتى.
جېيسىن كېنىي، " بىز خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىمىزنىڭ ئەھمىيەتسىز ئۇچرىشىش ئەمەس، ئۈنۈملۈك نەتىجىسى بولغان سۆھبەت بولۇشىنى ئارزۇلايمىز " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا خىتاينى ئەھمىيەتلىك سۆھبەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن. كانادا ھۆكۈمىتى چىقارغان بۇ قارارنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار - يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى كاناداغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ،ئۇنى ھازىرغىچە كانادا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن.
جېيسىن كېينىي، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى خىتايغا بېرىدىغان 60 مىليون دوللار ھەقسىز ياردىمىنى توختاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.