خېنەندىكى ساليوت زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئاز دېگەندە 36 كىشى ئۆلدى


2006.01.30

29‏- يانۋار خىتاينىڭ باھار بايرىمى كۈنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لىنجۇ شەھىرىدىكى بىر ساليوت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 36 كىشى قازا قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن مەزگىلدە، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ساليوت زاۋۇتىغا يېقىن جايدىكى بىر بۇدخانىغا ئىبادەت قىلىشقا مېڭىۋاتقان بولۇپ، ئارىسىدىكى بىر كىشى ساليوتقا ئوت ياقماقچى بولغاندا، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان بۇ ساليوت زاۋۇتىنىڭ ئامبىرىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويغان.

نەتىجىدە ئامباردا كۈچلۈك پارتلاش يۈز بېرىپ، بۇدخانىغا كېتىۋاتقان كىشىلەر زەخمىلەنگەن. نەق مەيداندا 16 كىشى ئۆلگەن، قالغانلىرى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ھازىر يەنە 40 نەچچە كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ھەمدە ھازىر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 8 ئىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا خەتەر ئاستىدا ئىكەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

ساليوت ئېتىش خىتايلارنىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىسى بولۇپ، ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق جىن قوغلاپ، بايلىق ئىلاھىنى چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن ساليوت ئېتىش سەۋەبىدىن خىتايدا ئوت كېتىش ياكى پارتلاشقا ئوخشاش ھادىسىلەر كۆپ يۈز بەرگەچكە، ئۆتكەنكى 10 يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردە ساليوت ئېتىشنى چەكلىگەن ئىدى. بىراق بۇ يىلدىن باشلاپ بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 نەچچە شەھەر ساليوت ئېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.