"چاغان بايرىمى" دا ئوت ئاپىتى شۇنىڭدەك قاتناش جىددىيلىكى ئەۋج ئالدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ "چاغان بايرىمى" مەزگىلىدە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 9100 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 42 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 7 ئادەم يارىلانغان ھەمدە كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 13 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خىتاينىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، چاغاندا پوجاڭزا ئېتىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى چاغاندا 63 ئادەم قازا قىلغان.

بۇ ئارىدا خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقى، چاغان ئاياقلىشىشى بىلەن تەڭ، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئادەم توشۇش قېتىم سانى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

24 ‏- فېۋرال بىر كۈن ئىچىدە ئاپتوموبىل قاتنىشى ئارقىلىق يولغا سېلىنغان ئادەم سانى 56 مىليون 500مىڭغا ، پويىز بىلەن توشۇلغان ئادەم سانى 4 مىليون 800 مىڭغا، ئايرۇپىلان يولۇچىلىرىنىش سانى 620 مىڭغا يەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە پەقەت بېيجىڭغا توشۇلىدىغان يولۇچىلار سانى كۈنىگە 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا ، گۇئاڭجوغا توئۇلىدىغان ئادەم سانى 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى، " چاغان " مۇناسىۋىتى بىلەن پۇقرالارنى ئاز دېگەندە 7 كۈندىن 10 كۈنگىچە دەپ ئېلىشقا قويۇپ بېرىپ، چاغان تەنتەنىسى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۈس قىلىدىكەن. بىراق ئۇيغۇر سىياسى كۈزەتكۈچىلەر، ھەر يىلى چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ قەتلە قىلىنىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشماقتا. بۇ يىل ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمايىل سەمەت" تېررورچى" دىگەن قالپاق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. (ئەقىدە)