خىتايدا چاغانلىق ساياھەت مەزگىلى دەپ ئاتالغان قاتناش ئالدىراشلىقى باشلاندى


2008.01.25

خىتايدا 'چاغانلىق ساياھەت مەزگىلى' دەپ ئاتالغان قاتناش ئالدىراشلىقى باشلاندى. بۇ مەۋسۈمدە، بىڭتۇەن پارتكومى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ماي ئىسكىلاتى، قاتناش پونكىتلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى قاتارلىق ھەممە قاتناش تۈگۈنلىرى ۋە مۇھىم جايلارنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ۋەلى بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىتىدۇ.

'چاغانلىق ساياھەت' مەزگىلىدە بىڭتۇەنگە نەزەر

خىتايدا 'چاغانلىق ساياھەت مەزگىلى' دەپ ئاتالغان قاتناش ئالدىراشلىقى 1 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى باشلاندى. بۇ مەزگىلدىكى قاتناش ئالدىراشچىلىقى 3 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتايلارنىڭ بۇ يىلقى چاغانلىق ساياھەت پائالىيىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە پىلانلانغان ساياھەت ئاپتوموبىلى 2000، يولۇچى توشۇش ئۈچۈن پىلانلانغان پويىز ۋاگون قېتىمى980 مىڭ، يولۇچى ئادەم قېتىمى 20 مىليون. بۇنىڭ ئىچىدە، بىڭتۇەن )خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى( دىن چاغانلىق ساياھەت ئۈچۈن پىلانلانغان ئادەم قېتىمى 2 مىليون 180 مىڭ.

'شىنخۇا تور بېتى'نىڭ بىڭتۇەن سەھىپىسىدە بايان قىلىنىشىچە، بىڭتۇەن پارتكومى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ماي ئىسكىلاتلىرى، قاتناش پونكىتلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى قاتارلىق ھەممە قاتناش تۈگۈنلىرى ۋە مۇھىم جايلارنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، چاغانلىق ساياھەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە قوغداشقا ھەر ۋاقىت ھازىر تۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

بىڭتۇەننىڭ ھوقۇقى ئاپتونوم رايوندىن چوڭ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەننىڭ ھوقۇقى ئاپتونوم رايوندىن چوڭ، چاغانلىق ساياھەتنى قوغداش دېگەن مەسىلىدىمۇ مەركەز ئاپتونوم رايونغا ئىشەنمەيدۇ.

مەركىزى ھۆكۈمەت بىڭتۇەنگە يان باسىدۇ

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىڭتۇەن بىلەن ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىڭتۇەنگە يان باسىدۇ.

بىڭتۇەننىڭ نوپۇس سانى دۆلەت مەخپىيەتلىكى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بىڭتۇەننىڭ نوپۇس سانى قانچىلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئۆزىمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى.

خىتاي چاغان بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلمەكتە

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ، بىر ھېسابتا خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ، دېيىش مۇمكىن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.