كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدىن نازارەت ئېلىپ بېرىشقا ۋەخىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەشكە چاقىردى. مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنى سۈيئىستىمال قىلىش، قانۇننى چەتكە قايرىپ قويۇش قىلمىشلىرىنى توسىمىغان.
خىتايدا پۇقرالارنى يەر مۈلكىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈش، مۇھىت بۇلغىنىشى، خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق ئەۋج ئالدى، ھەتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋاللار جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا، دەيدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىلەت تاشلاش سېستىمىسىنى تەنقىد قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئادامسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان بىلەت ساناشنى مەخپىي تۇتۇش ۋە ئېلېكترونىك بىلەت ساناش سېستىمىسى ۋەكىللەر تاشلىغان بىلەتنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە توسقۇنلۇق قىلماقتا.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان كۈنتەرتىپلەر بويىچە ۋەكىللەر 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىغا بىلەت تاشلايدۇ. (ئەركىن)