خىتاي - ھىندىستان چېگرا سۆھبىتى " ئەڭ قىيىن باسقۇچ" قا كىردى
2005.09.26
خىتاي - ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى بويىچە چېگرا سىزىقىنى قايتىدىن ئايرىش سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆھبەتنىڭ "ئەڭ قىيىن باسقۇچى" ھېسابلىنىدىكەن.
سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى سىڭ، ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى يىغىنى جەريانىدا ئۇچرىشىپ، چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە قوشۇلغان.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەرەپلەر چېگرا مەسىلىسىنى "ھازىرقى مەۋجۇت سىياسى رامكا ئىچىدە مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىش پۇرسىتى بار،" دەپ قارايدىكەن.
ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان سۆھبەتكە ھىندىستان تەرەپتىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى نارايانان، خىتاي تەرەپتىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگولار رىياسەتچىلىك قىلدى.
ھىندىستان بىلەن خىتاي 3500 كىلومېترلىق ئورتاق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە بولۇپ، چېگرا مەسىلىسى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1962 -يىلدىكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھىندىستان خىتاينى 1962 -يىلدىكى توقۇنۇش جەريانىدا 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زىمىنىنى ئىگىللىۋېلىش بىلەن تەنقىد قىلماقتا. خىتاي بولسا ھىندىستان 90 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر زىمىنىمىزنى ئىگىلىۋالدى، دەپ ئەيىپلىمەكتە ئىدى.
بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا، تەرەپلەر چېگرا مەسىلىسىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېن شۈيبيەن، تەيۋەننىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي، ھىندىستان ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
- خىتاي بىلەن ھىندىستان رەھبەرلىرى يېڭى دېھلىدا بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويدى
- خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ، ھىندىستاندىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى
- ۋېن جياباۋ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى زىيارىتىدە دالاي لاما ۋە چېگرا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ