خىتاي بىلەن ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان چېگرا ماجىراسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېچىلغان 8- قېتىملىق سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
بۇسۆھبەت ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى نارايانان بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىنگو باشچىلىغىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ چېگرا مەسىلىسىنى دوستانە ۋە ئوچۇق-يورۇق كەيپىياتتا ھەل قىلىش قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىندىستان ۋەكىلى نارايان يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ھىندىستان تەرەپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى، لېكىن بۇ سۆھبەتنىڭ يېڭى دېھلىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ھىندىستان بىلەن خىتاي 1962- يىلى چېگرا ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ماجىرا ھازىرغىچە ھەل بولماي كەلدى. ھەر ئىككىلا تەرەپ ھىمالايا رايونىدىكى 125 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر دائىرىدىكى زېمىننى تالىشىدۇ. (پەرىدە)