چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
2008.01.11
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلارغا توسقۇنلۇق قىلىش شۇنداقلا ئادۋوكاتنىڭ خۇ جيا بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خۇ جيانى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا پىسەنت قىلمايلا قالماي، خۇ جيانىڭ ئايالى سېڭ جىنيەن ۋە ئۇنىڭ بوۋىقىنى نەزەربەنت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
خۇ جيانىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئادۋوكاتنىڭ پەيشەنبە كۈنى سېڭ جىنيەن بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلەپ، بېيجىڭدىكى بىر مېھمانخانىغا بىر قانچە سائەت قاماپ قويغان ۋە خۇ جيانىڭ لۇي فاڭپىڭ ئىسىملىك يەنە بىر ئادۋوكاتىنى سېڭ جىنيەن بىلەن كۆرۈشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان. جۈمە كۈنى ساقچىلار خۇ جىيانىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنى توساپ، ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى تەكشۈردى ھەم مۇخبىرلار تارتقان رەسىملەرنى مۇسادىرە قىلدى.
ئالدىنقى كۈنى خۇ جيانىڭ ئايالى ئۆيىنىڭ بالكۇنىغا چىقىپ، گېرمانىيىلىك مۇخبىرلارغا ساقچىلارنىڭ ئۆيىدىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار خۇ جيانىڭ ئۆيىنىڭ پۈتۈن دېرىزىلىرىنى تۆمۈر قاڭالتىر بىلەن قاپلىۋەتكەن. نۆۋەتتە 20 دەك ساقچى خۇ جيانىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىنى نازارەت قىلماقتا ئىكەن.
خۇ جيا خىتايدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ "دۆلەت مەخپىيەتلىك "ىگە چېتىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بىر يىلدا يەرلەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش دېلوسىدىن 1659 ئى پاش بولدى
- خىتاي دائىرىلىرى تور بېتىگە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى چاپلاشنى چەكلىدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2007 - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- خىتاي ئوكۇل ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى ئومۇملاشتۇرماقچى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى، مەشھۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يەنىلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى : خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك
- خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوقى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى









