خىتايدا نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ياپونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەر يۈز بېرىپ، ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىي تۈس ئالغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خەلقنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئاساستا نامايىش ئۇيۇشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
خىتايدىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، لى جاۋشىڭ پۈتۈن خىتاي خەلقىنى جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماسلىققا چاقىرىپ، چوقۇم تەرتىپلىك ۋە سوغۇققانلىق بىلەن پىكىر ئىپادىلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مەكتەپ دائىرىلىرىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق نامايىشقا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ياپونىيىگە قارشى ھەرىكەتلەردە، ياپونىيىنىڭ بۇ يەردىكى شىركەتلىرى نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى توختىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي كەلگەن ئىدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى جاكارتادا ئېچىلىدىغان ئاسىيا-ئافرىقا يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، ئۇ جاكارتادا ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىچىرۇ كويزۇمى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. (پەرىدە)