ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي مۇخبىرنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشى چەكلەندى


2005.05.02

خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ "ئاخبارات ئەركىنلىكى" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇھەررىر چېن يىجوڭنىڭ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن. چېن يىجوڭ، خىتايدا چىقىدىغان "جەنۇبىي پايتەخت" گېزىتىنىڭ سابىق مۇھەررىرى بولۇپ، ئۇ سارس كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى شۇنداقلا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بەرگەن بىر خىتاي ساقچىنىڭ قىلمىشىنى پاش قىلىش بىلەن نام چىقارغان.

خوڭكوڭدىكى "جەنۇبىي جوڭگو ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" خەۋەر قىلىشىچە، گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى دائىرىلەر چېن يىجوڭغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقنى ئۇقتۇرغان. ب د ت نىڭ " ئاخبارات ئەركىنلىكى" مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى سەيشەنبە كۈنى سېنىگال پايتەختى داكاردا ئۆتكۈزۈلەتتى. چېن يىجوڭ ھازىر گۇئاڭدوڭدىكى "جەنۇب تەنتەربىيە گېزىتى" دە ئىشلەيدىكەن.

بۇ ئارىدا مەركىزى پارىژدىكى چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينى " مۇخبىرلارنىڭ تۈرمىسى،" دەپ ئەيىپلىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دۇنيا بويىچە 2004 - يىلى قولغا ئېلىنغان 107 مۇخبىرنىڭ 27 نەپىرى خىتايدىكەن. مەزكۇر تەشكىلات، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى ئاخبارات " مۇشتۇمزورى" دەپ ئېلان قىلدى.

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى سۇزان سولوۋېن، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " قەشقەرلىق ئابدۇغەنى مەمتىمىن شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىگە خەۋەر يوللىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ سۆزنى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئۈچۈن 27 - ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.