خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلارغا پايچېك بولۇشى چەكلەندى


2005.09.23

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا كۆمۈر كانغا مەبلەغ سالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 22 - سەنتەبىرگىچە پايچېكىنى سېتىۋېتىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇنى رەت قىلغۇچىلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما ئېنگلىزچە چىقىدىغان "جوڭگو گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بەزى ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشقا رازىكى پاي چېكىنى سېتىشقا رازى ئەمەسكەن.

خىتايدا كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجدىكى ئارتىش كۆمۈر كانلىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى زور پايدىغا ئېرىشتۈرمەكتە ئىدى. بۇنىڭ بىلەن كۆمۈر كان پايلىرىنى سېتىۋېلىش ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئەمەلدارلار ناھايىتى قىزىقىدىغان سودا بولۇپ قالغان.

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كۆمۈركان ئاستىدا گاز پارتلاپ، 83 نەپەر ئىشچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى شەنلوڭ كۆمۈر كېنىنىڭ پاي چېكى، قۇمۇل كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئىلكىدە ئىدى. قۇمۇل كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر كانلىرىنىڭ بىرى. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كاننىڭ پاي چېكىنى قۇمۇل كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋە مەزكۇر شىركەتتىكى خىزمەتچىلەر ئىگىللىۋالغان.

بۇ يىل خىتاي بويىچە كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن كىشىلەر 3000 دىن ئاشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆمۈر كانلارنىڭ تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.