" رەققاس قىزنىڭ ئەسلىمىلىرى" ناملىق فىلىم خىتايدا چەكلەندى

" رەققاس قىزنىڭ ئەسلىمىلىرى" ناملىق فىلىم خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر فىلىمنى قويۇش رۇخسەتنامىسىنى بىكار قىلدى.

فىلىمدە خىتاينىڭ ئاتاغلىق ئارتىستلىرىدىن جاڭ زىيى بىلەن گۇڭ لى ياپون رەققاس قىزلىرىنىڭ رولىنى ئالغان. مەزكۇر فىلىمنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ياپون رەققاسلىرىنىڭ رولىنى ئېلىش ئاقىلانە بولمىغان ھەرىكەت، چۈنكى ياپونىيە 1930 - يىللار ۋە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان، دەپ قارىماقتا.

خىتايلارنىڭ قارىشىچە، ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن جۇڭگو ئارتىستلىرىنىڭ ياپون رەققاسلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشى توغرا بولمىغان ھەرىكەت ئىكەن. بۇ فىلىم خىتايدا ياپونىيە دۆشمەنلىكى قوزغاپ، ياپونىيىلىك رەققاس قىزنىڭ رولىنى ئالغان جاڭ زىيى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. " رەققاس قىزنىڭ ئەسلىمىلىرى" بۇ يىلقى ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىلگەن.

ئەسلىدىكى پىلان بويىچە مەزكۇر فىلىم كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ كىنوخانىلاردا رەسمى قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. سونىي كىنو شىركىتىنىڭ باياناتچىسى جىم كىننىدىي، " رەققاس قىزنىڭ ئەسلىمىلىرى" نى خىتايدا قويۇش ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا تەستىقلانغانلىقىدىن خوشال بولغان ئىدۇق، ئەمما ھازىر بۇ فىلىمنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىن ئۈمىتسىزلىنىۋاتىمىز " دېدى. فىلىمنىڭ رىجىسورى بولسا، جاڭ زىيى ۋە گۇڭ لىلارنى رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىشتا ئۇلارنىڭ جۇڭگولۇق كىملىكى ئەمەس، سەنئەت تالانتى ئاساس قىلىندى، دەيدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى چەتئەلدە تۇغۇلغان خىتاي رىجىسورلاردىن لى ئەن يىتەكچىلىك قىلغان " ئۈزۈلمە بەلۋاغ" ناملىق فىلىمىنى خىتايدا قويۇشنى چەكلىگەن ئىدى. دائىرىلەر مەزكۇر فىلىمدا قوش جىنىسلارنىڭ مۇھەببىتى ئاساسى تېما قىلىنغان، دەپ رۇخسەت قىلمىغان. " رەققاس قىزنىڭ ئەسلىمىلىرى" خىتايدا چەكلەنگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ فىلىمنىڭ ئوغرىلىقچە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاراڭغۇ بازاردا سېتىلماقتا ئىكەن. (ئەركىن)