خىتايدا بىر تۈركۈم ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تارقىتىلىشى چەكلەندى

خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە دۆلەت ئاخبارات ، نەشرىيات باش مەھكىمىسى، ئايال يازغۇچى جاڭ يىينىڭ "نازىنىننىڭ ئۆتمۈشى" ناملىق ئەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 ئەدەبىي ئەسەرنى تارقىتىشنى چەكلەپ، بۇ ئەسەرلەرنى نەشر قىلغان نەشرىيات ئورگانلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ئەسەرلەر خىتاي يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنى تېما قىلغان بولۇپ،جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى "بۇ چەكلىمە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نازۇك تارىخىي ۋەقەلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى تىزگىنلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە" دەپ تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدا چەكلەنگەن بۇ 8 پارچە ئەسەر " نازىنىننىڭ ئۆتمۈشى" نى شۇنداقلا "كائىنات"، " شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ"، "بىر ئاددى جۇڭگولۇقنىڭ ئائىلە تارىخىي،" بوران - چاپقۇندىن تەرمىلەر" " ئاخبارات دۇنياسى"، "بىر خەلق ۋەكىلىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىش تەزكىرىسى" ، دېگەن ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتاب چەكلەش بۇيرۇقىنى خىتاي دۆلەت ئاخبارات، نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شۇلىن 15 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تەشۋىقات ۋە ئاخبارات خىزمەت يىغىنىدا ئېلان قىلدى شۇنداقلا ھەر قايسى ئۆلكە ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەشۋىقات بۆلۈملىرىنى نازۇك تېمىدىكى كىتابلارنى چەكلەشكە چاقىردى.

مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى 18 - يانۋار كۈنى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەشۋىقات بۆلۈملىرى بىلەن " شەھۋانىي ۋە قانۇنسىز ئەسەرلەرنى تازىلاش" تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچىدىكى يىغىن مەيدانىدا ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى لى چى، رايوندا سىياسىي ۋە دىنىي سەزگۈرلۈكى بار تېمىدىكى ئەسەرلەرنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)