تەيۋەن پرېزىدېنتى، بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكا سەپىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى


2007.08.22

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەن، لاتىن ئامېرىكىغا قاراتقان سەپىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە توختاپ ئۆتۈش تەلىپىنى رەت قىلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركەزلىرىدىن ئۇزاق بولغان، ئالىياسكا شتاتىدا توختاپ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغان ئىدى. ئۇ، سەيشەنبە كۈنى لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى بولغان ھوندۇراسقا قاراتقان سەپىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ئالىياسكا شتاتىنىڭ ئەنكورىج شەھرىدە ئىككى سائەت توختاپ ئۆتكەن.

چېن شۈيبىيەن ئالياسكىدا توختاش جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرىدە توختاپ ئۆتۈشىگە رۇخسەت بەرمىگەنلىكىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، " ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق مېنى جازالاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، مېنى ۋە مېنىڭ سىياسەتلىرىمنى جازالاشنىڭ تەيۋەن خەلقىنى جازالاش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك" دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ، تەيۋەننىڭ قايتىدىن ب د ت غا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى ۋاشىنگتوننى بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چېن شۈيبيەننىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

لېكىن چېن شۈيبىيەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، تەيۋەننىڭ، تەيۋەن ئىسمى بىلەن ب د ت غا ئەزا بولۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم لاتىن ئامېرىكىغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمۇ، بۇ مەسىلىدە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.