تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى داۋاملاشماقتا


2007.08.25

لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، جۈمە كۈنى ھوندۇراستىن، ئەلسالۋادور غا كەلدى.

مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىن شۆبىيەن سانلسالۋادور ئايىرىدۇرۇمىدا، ئەلسالۋادر پرېزىدېنتى، مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، پارلامېنت رەئىسى ۋە ئالىي سوت رەئىسى قاتارلىق رەھبەرلەر تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان.

ئەلسالۋادور پرېزىدېنتى ئانتونىيۇ ساخا، چىن شۈيبىيەننى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا بەرگەن باياناتىدا، تەيۋەننىڭ ئىقتسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يولىدا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرىنى ماختاپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مەۋجۇدىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرىشىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى ھەمدە تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن باياناتىدا، ئەلسالۋادورنى تەيۋەننىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دەپ كۆرسىتىپ، تەيۋەننى ھەرجەھەتتىن ئۈزلۈكسىز قوللاپ كېلىۋاتقان ئەلسالۋادور پرېزىدېنتى ۋە ئەلسالۋادور ھۆكۈمىتىگە رەخمەت ئېيتتى. چىن شۈيبىيەن، ئەلسالۋادور پرېزىدېنتىنىڭ كېلەر ئاي ب د ت نىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىللىق ئۇمۇمىي يېغىنىغا قاتنىشىپ، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ھەرىكىتىنى قوللاپ، سۆز قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەندىكى پۈتۈن ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى، پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەننىڭ تەيۋەننى ب د ت غا ئەزا قىلىش ھەرىكىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن، 10‏-سېنتەبىر كۈنىگىچە يەنى ب د ت نىڭ يىللىق ئۇمۇمىي يىغىنىغىچە، پۈتۈن ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ دەرۋازا ۋە تاملىرىغا "تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشى، مەڭگۈلۈك تىنچلىق" دېگەن شۇئار يېزىلغان لوزۇنكا ۋە بايراقلارنى ئېسىشنى قارار قىلغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.