تەيۋەن پرېزىدېنتى سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى


2008.02.02

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، شەنبە كۈنى تالاش-تارتىشتىكى سپراتلى تاقىم ئاراللىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئاراللار ئىچىدىكى تەيپىك ئارىلىدا تەيۋەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن ياسالغان ئايرودۇرۇمنى كۆزدىن كۆچۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چىن شۈيبىيەننىڭ سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىغا قاراتقان بۇ قېتىمقى زىيارىتى، مەزكۇر ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي، فىلىپپىنلەر، ۋيېتنام، مالايشىيا،ۋە برۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەر، جەنۇبىي جوڭگۇ دېڭىزىغا جايلاشقان ۋە مول نېفىت ۋە تەبىئي گاز زاپىسىغا ئىگە بولغان سپراتلى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ھەممىسى ۋەياكى بىر قىسىمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزلىرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى، تەكىتلىمەكتە.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەننىڭ سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىغا قاراتقان بۇ قېتىمقى زىيارىتى، مەزكۇر ئاراللار نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈستىدە، رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ئىختىلاپ كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا 1988‏- ۋە 1992‏- يىللىرى ئىككى قېتىم توقۇنۇش يۈز بەرگەن. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، چىن شۈيبىيەننىڭ زىيارىتى، رايوندىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ، دېيىشمەكتە.

فىلىپپىلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئالبەرتو رومۇلو، شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، چىن شۇيبىيەننىڭ زىيارىتىنىڭ جىددىي ئەندىشە ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "سپراتىلى ئاراللىرى ئۈستىدىكى ئىختىلاپلار تىنچلىق ۋە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

تەيۋەن مەتبۇئاتى بولسا، چىن شۈيبىيەننىڭ سپراتىلى تاقىم ئاراللىرىغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ، 22‏ - مارت كۈنى تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى، فرانك شېنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.