چىن شۈيبيەن " بىر دۆلەت ، ئىككى خىل تۈزۈم" نى رەت قىلدى


2005.04.28

تەيۋەندىكى ئۆكتىچى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ليەن جەن خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن تەيبېيدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم" شەكلى بىلەن بىرلىككە كېلىشنى رەت قىلدى.

چىن شۈيبيەن سۆزىدە، "ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپ، سىياسىي ئىختىلاپ بولماستىن، بەلكى دېموكراتىك تۈزۈم ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرق. ئەگەر خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى دېموكراتىك سايلام تۈزۈمىنى يۈرگۈزمىسە، ئارمىيىنى دۆلەتنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا ئۆتكۈزمىسە، خەلقنىڭ سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەت قىلمىسا، ئىككى قىرغاق سىياسىي جەھەتتىن بىرلىشەلمەيدۇ" -دېدى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ماكاۋنى قايتۇرىۋېلىشتا ئوتتۇرىغا قويغان " بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم" سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ پەقەت يالغان، قۇرۇق سۆز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ليەن جەن پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ جۈمە كۈنى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئانالىزچىلار، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنىڭ سموۋول خاراكتېرلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇنىڭ ئالدىدا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن ليەن جەننىڭ خىتاي زىيارىتىگە ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ئۇنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

بۇ ئارىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى ليەن جەن بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.