چېن شۇيبيەن، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى


2005.05.01

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن، 1 - ماي كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتقان بىر پەيتتە، چېن شۇيبيەن يۇقىرىقى ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ: " خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى تەيۋەندىكى قايسى پارتىيە ياكى قايسى كىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا تەيۋەن خەلقى تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا سايلىنىپ چىققان دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھازىرقى تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېن شۇيبيەن بۇ سۆلەرنى جەنۇبىي تېنچ ئوكياندىكى ئۈچ دۆلەتكە قاراتقان تاشقى دىپلوماتىيە زىيارىتى داۋامىدا ئېيتقان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارغا " تەيۋەندىكى پارتىيىلەر، پەقەت تەيۋەننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئۈستۈن ئورۇنغا، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ" دېدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.