تەيۋەن پرېزدېنتى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى


2005.05.02

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، چېن شۈيبيەننىڭ تىنچ ئوكياندىكى مارشال تاقىم ئاراللىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى، گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى يېقىنقى سەپىرىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

چېن شۈيبيەن، مارشال تاقىم ئاراللىرىنىڭ پارلامېنتىدا، " سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە بوغازنىڭ قارشى قىرغىقىغا داۋاملىق ئوچۇق،" دەپ كۆرسەتتى. ئەمما ئۇ، سۆھبەتنىڭ دېموكراتىيە، تىنچلىق ۋە باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەن، شاڭخەيدىكى باياناتىدا "تىنچلىق، يەتكىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس،" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

چېن شۈيبيەن، تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىركىشىشنى پەسەيتىش مېخانىزمىنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ليەن جەننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش تەكلىپىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرغان. چېن شۈيبيەن، تەيۋەن بوغۇزىنى "دۇنيادىكى ئۇرۇش خەۋپى ئەڭ يۇقىرى خەتەرلىك رايون"، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل 3 - ئايدا "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ھوقۇقى بەرگەندىن كېيىن، تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىركىشىش تېخىمۇ جىددىلەشكەن. چېن شۈيبيەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ تەيۋەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈدىن بېيجىڭ دائىرىلىرىگە سۆز يوللىغان. سوڭ چۈيۈ ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.