تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن، خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش گۇمران بولىدۇ، دېدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن سەيشەنبە كۈنى تەيبىدە بەرگەن باياناتىدا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئارمىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دېموكراتىك ۋە قانۇن دۆلىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش گۇمران بولۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرىۋاتىدۇ، دېدى.

تېلېفون ئارقىلىق، توكيودىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كولۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىغا قاتناشقان چىن شۈيبيەن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ دىققىتىنى خىتاي ئىچىدىكى بۆلۈنۈشلەردىن باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن تەيۋەننى ئىشغال قىلشىقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن، مېنىڭچە، خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ئادالەتنىڭ يوقلىقى ھەمدە ئىجتمائىي مۇقىمسىزلىق ئاخىرىدا بۇ دۆلەتنىڭ گۇمران بولۇشىغا يول ئاچىدۇ، دېدى.

تەيۋەن پرېزىدېنتى، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيشىنىڭ ھەم رايوننىڭ ھەمدە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىد ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي تەرىپىدىن تەيۋەن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ، ھىندىستان، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى نىشانغا ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چىن شۈيبيەن شۇنداقلا، يېقىندا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ فېۋرال ئېيىدا تەيۋەن ھەققىدە ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر باياناتتا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تۇنجى قېتىم تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. (قانات)