تەيۋەن پرېزىدېنتى خىتاي "تەھدىتى" توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن تەيۋەنلىكلەرگە سۆزلىگەن يېڭى يىل نۇتىقىدا، تەيۋەنلىكلەرنى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىتايدىن كېلىدىغان ھەربىي تەھدىت توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ 2007- يىلى تەيۋەن يېڭى ئاساسى قانۇنىنىڭ خەلق ئاۋازىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ دائىرىلىرى تەيۋەن يېڭى ئاساسى قانۇنى مۇستەقىلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا تەيۋەنگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

چېن شۈيبيەننىڭ يېڭى يىل نۇتۇقى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. چېن شۈيبيەن تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئىچكى سىياسىتىنى تەڭشەپ، تەيۋەن ئارىلىنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

چېن شۈيبيەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىكەن. چېن شۈيبيەن، ئەگەر شەرت - شارائىت پىشىپ يېتىلسە، يېڭى ئاساسى قانۇن رىفېراندومى 2007 - يىلى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن، دەيدۇ. ئۇ، خىتايدىن كېلىدىغان ھەربىي تەھدىتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 784 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەيۋەنگە نىشانلاپ قويۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

چېن شۈيبيەن تەيۋەن پارلامېنتىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۆكتىچى پارتىيە - گۇرۇھلارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىدىن قورال - ياراق سېتىۋېلىش پىلانىنى تېزرەك تەستىقلەشكە چاقىردى. (ئەركىن)