چېن شۈيبيەن دۆلەت بىرلىكى مەجلىسىنى بىكار قىلىشتا چىڭ تۇردى
2006.02.22
تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ نەسىھىتىگە كۆنمەستىن، چارشەنبە دۆلەت بىرلىكى مەجلىسىنى بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەيۋەن مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، چېن شۈيبيەن چارشەنبە كۈنى پرېزىدېنت سارىيىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى روبېرت سىممون بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ، دۆلەت بىرلىكى مەجلىسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەمدى ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن مەتبۇئاتلىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ روبېرت سىمموننى چېن شۈيبيەننى بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
چېن شۈيبيەن سۆزىدە دۆلەت بىرلىكى مەجلىسى ۋە دۆلەت بىرلىكى پرىنسىپىنى بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇلارنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بۇنىڭغا دەرھال قارشى چىقىپ، چېننىڭ بۇ قارارىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
چېن شۈيبيەن بۇ نەزەرىيىنى دەسلەپ ئۆتكەن ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنى ئامېرىكىمۇ قارشى ئالمىغان ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئىرەلى " بىز ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكىتىگە قارشى تۇرىمىز" دېدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىدى
- خىتاي دائىرىلىرى، ئافرىقا دائىرىلىرىگە بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى تەكىتلىدى
- تەيۋەن پرېزىدېنتى خىتاي "تەھدىتى" توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ ئاساسىي گەۋدە ئېڭىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى
- ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىنى "بىر جۇڭگو" سىياسىتىگە قايتا باھا بېرىشكە چاقىردى