خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىككى چوڭ ئىشخانىسى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ دۆلەت بىرلىكى مەجلىسىنى بىكار قىلىش قارىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.
خىتاينىڭ دۆلەت كابىنتىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋە خىتاي كومپارتىيە مەركىزى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى بىرلىكتە چىقارغان بۇ باياناتىدا، چېن شۈيبيەننىڭ دۆلەت بىرلىكى مەجلىسىنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىنىڭ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
باياناتتا يەنە، " چېن شۈيبيەننىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق" دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە، چېن شۈيبيەننىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ، تەيۋەن بوغۇزى جۈملىدىن ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ ئىككى ئورگان باياناتىدا يەنە، چېن شۈيبيەننىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن تېز ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ باياناتىغا قارىتا تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)