تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى بولسا جۇڭگو تەرەپنىڭ " تەيۋەن مۇستەقىللىقى" ۋە " تەيۋەن بۆلگۈنچى كۈچلىرى" گە قەتئى يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن، دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن، تەيۋەننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قارىتىلغان دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پروگراممىسىنىڭ توختۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش نىيىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.
جاڭ كەيشى ۋە ئۇنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1949 - يىلى خىتاي كومۇنىستلىرىغا مەغلۇب بولۇپ تەيۋەنگە قېچىپ بارغاندىن كېيىن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قايتىپ كېتىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. ئەمما تەيۋەن دېموكراتىيە يولىغا ماڭغاندىن كېيىن يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسى كۈچەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چېن شۈيبيەن يېقىندا 1947 - يىلى يۈز بەرگەن 28- فېۋرال ۋەقەسىگە جاڭ كەيشى جاۋاپكار بولۇشى كېرەك، دېگەن. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1947 - يىلى 28 - فېۋرال كۈنى تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىسيانىنى قانلىق باستۇرغان ئىدى.
چېن شۈيبيەن دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، "جۇڭگو تەرەپ تەيۋەن مۇستەقىللىقىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ. تەيۋەن بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ تەيۋەننى ۋەتەن قوينىدىن بۆلۈپ چىقىپ كېتىشىگە ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ " دېدى. تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى باياناتىدا، چېن شۈيبيەننى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىلەشتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)